شىنجاڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە بولىدۇ

2025.03.19 16:18 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ھاۋارايى تورىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 16دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈندۈزدىن 21-كۈنى كۈندۈزگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئالتە بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ لاۋفېڭكوۋ ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغىچە يېتىدىكەن، 11 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشىڭلارنى سورايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ