يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2025-يىللىق ئالىي كەسپىي مائارىپتا مەخسۇس كۇرس كەسپى تەسىس قىلىشنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت كونترول قىلىدىغان كەسىپ نۇقتىسىدىن تۆتنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلدى، 68 كەسپ نۇقتىسىنى تەسىس قىلىشقا قوشۇلمىدى. تەسىس قىلىشقا تەستىقلاپ قوشۇلغان دۆلەت كونترول قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان كەسىپلەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، 2025-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەنگە ئالغان ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى جەملىگەن 2025-يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ نۇقتىسى جەمئىي 67 مىڭ 898 ئىكەن. كەسىپ تەسىس قىلىشنى ئەنگە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان، جايلارنىڭ ئەنگە ئېلىنمىغان ياكى تەستىقلانمىغان كەسىپ نۇقتىلىرىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى پىلانىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قوشۇشىغا ھەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى