تايلاند ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلامدۇ؟ جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بۇ جۇڭگو-تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى نورمال دوستانە ئالاقىگە تەۋە

2025.03.19 16:17 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇشۇ ھەپتىدە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىدىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەمدۇ؟

ماۋ نىڭ: ئالاقىدار زىيارەت جۇڭگو-تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى نورمال دوستانە ئالاقىگە تەۋە، كونكرېت ئەھۋالنى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەسئۇل تارمىقىدىن ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ. سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى دۇنياغا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، بىز خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ