جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تارماقلارنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلىDeepSeek نى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ماۋ نىڭ: جۇڭگو تەرەپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشكە، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى، بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز.
مەنبە: خەلق تورى