ئالاقە تورى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.2 ئاشتى
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئايدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 743 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان. كەسىپلەر بويىچە توك ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1- كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 9 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 462 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 142 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك مىقدارى 129 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.
1-ئايدىن 2-ئايغىچە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى جەمئىي 1 تىرىليون 556 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان. جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سەل تۆۋەن بولدى، بۇنىڭ بىر قىسمى 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىنىڭ بىرقەدەر ئىللىشىنىڭ تەسىرىدىن بولدى، مەملىكەت بويىچە شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئاشتى.
«ئىككى مۇھىم»، «ئىككىنى يېڭىلاش» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، قىسمەن ساھەلەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالى يەنىلا بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۇچۇر يەتكۈزۈش / يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، سۈنئىي ئەقىل، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، G5 قاتارلىقلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالاقە تورى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.2 ئاشتى.
1-ئايدىن 2-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.0 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توك قاچىلاش-ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40.1 ئاشتى.