ئۈچ تارماق: تۇز، ياغ ۋە شېكەرنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش كېرەك

2025.03.18 15:06 مەنبە: خەلق تورى

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «جۇڭگو يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەرەققىيات پىروگراممىسى (2025-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ساغلام تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

تۇز، ياغ ۋە شېكەرنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئوزۇقلۇق-ساغلاملىق تاماق تىزىملىكى ۋە تاماق تەڭشەش تېخنىكىسىنى يارىتىپ، تۇز، ياغ ۋە شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش ئىدىيەسى ۋە مىقدارلاشتۇرۇش ئەسۋابلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

ئوزۇقلۇق-ساغلاملىق ئاشخانىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تۈركۈم ئوزۇقلۇق-ساغلاملىق يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئائىلىلەر ئىلمىي ئۇسۇلدا تاماق ئېتىشكە يېتەكلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ