مالىيە مىنىستىرلىقى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ھەقسىز مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ئائىلىلەرنىڭ مائارىپ چىقىمى بېسىمىنى يېنىكلىتىمىز

2025.03.18 15:05 مەنبە: خەلق تورى

17-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى «سىجىل كۈچەپ، تېخىمۇ كۈچ بېرىپ»، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كاپالەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ، چىقىم يۈكىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

مالىيە مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فۇ جىنلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىسمەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە دىرىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ھەقسىز مائارىپى قاتارلىقلارنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ مائارىپ چىقىمى بېسىمىنى يېنىكلىتىمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، مالىيە مىنىستىرلىقى بالا بېقىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى مۇھاكىمە قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ