ھۆكۈمەت تەرەپ تەدبىر قوللىنىدۇ: «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى» ھەل قىلىنىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزارتىشقا بولمايدۇ

2025.03.18 15:05 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنلىن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ ماسلىشىپ كۈچىشىگە ئېھتىياجلىق، «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»دە، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، سېلىنما قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم تۈر سېلىنمىسى، مالىيە مەبلىغى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى، ئىستېمالغا يار-يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي مەبلەغ سېلىنمىسى بار، ھەم ماكرو سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى باھالاش، پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى، ئىستاتىستىكا تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئارام ئېلىش-دەم ئېلىش ھوقۇق ـ مەنپەئەتكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەت مەدىتى بار.

مەسىلەن، ئىنكاس گەۋدىلىك بولۇۋاتقان «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى ئەۋج ئېلىش» قاتارلىق ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، لايىھەدە مەخسۇس «ئارام ئېلىش-دەم ئېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش» توغرىسىدا ئالاقىدار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئىجراسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزارتىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلاستىكىلىق، بېسىقنى ئۆتكۈزۈپ دەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، شارائىتى بار جايلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەتىيازلىق، كۈزلۈك دەم ئېلىشنى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى. ئىشىنىمىزكى، لايىھەنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى ۋە تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال تەمىناتىغا ئىگە بولالايدۇ، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يۈكسىلىش ۋە قولايلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ