دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسى ئۆزگەرمىدى

2025.03.18 15:04 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 17-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تونۇشتۇردى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى تەمىناتى يېتەرلىك، مۇلازىمەت تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسى ئۆزگەرمىدى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2-ئايدا، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى CPI بىر ئاز تۆۋەنلىدى، بۇ ئاساسلىقى باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2-ئايدا، يېڭى سەيلەرنىڭ باھاسى ۋە ئاپتوموبىل تاۋارلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ، 2-ئايدىكىCPI نىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ