3-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالتە تارماقنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چۈنلىن مۇنداق دېدى: «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى» باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ھۆججەت، ھەربىر تارماق ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك، كېيىنكى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. بالا بېقىش ياردەم پۇلى ۋە ئەمگەك ھەققى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار پائال جىددىي تۈزمەكتە، كېيىنكى قەدەمدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ. «لايىھە» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە بىرقانچە تارماقنىڭ مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىرىلىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەر يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.