مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

​پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2025.03.18 14:57 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۆگىنىش - تەربىيەسى» دېيىلدى) قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئۆگىنىش - تەربىيەسى 2025 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن باشلىنىپ، 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، تۆت خاھىش كەلتۈرۈپ چىقارغان چىرىكلىك دېلو مىسالىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە، ھىمايىسىگە ئۈزلۈكسىز ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈركۈمگە ئايرىماي، باسقۇچقا ئايرىماي، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇش كېرەك. ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ئۆگىنىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشتا ئۆلچەم ۋە تەلەپكە توغرىلىنىپ تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئەرزىيەت، ئىنكاس قىلىش قاتارلىق يوللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش كېرەك. مەركەزلىك تۈزەشتە قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىش كېرەك. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەدە ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇشقا تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەركىزىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ