يەر يۈزىدە، سۈپسۈزۈك سۇلار زۇمرەتتەك جىمىرلاپ، سۇ قۇشلىرى پەرۋاز قىلىدۇ؛ يەر ئاستىدا، ئون مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال قېزىش خىزمەت يۈزىدە، پىچاقنىڭ ھەربىر قېتىم چۈشۈپ كېسىشى بىلەن بىر ۋاگون توشىدۇ، مەشغۇلات خادىملىرى مائۇسنى يېنىك چېكىپ، بارمىقىنى مىدىرلىتىپلا دەل جايىدا قوماندانلىق قىلالايدۇ.
ماۋۋۇسۇ قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شەنشى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى ساۋجياتەن كۆمۈر كېنىنىڭ تۆمۈر يەلكىسى ئېگىز-پەس ھەرىكەتلىنىدۇ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ پايدىسى بارغانسېرى نامايان بولماقتا. «بىز <يېشىللىق> مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، <يېڭىلىق> مىقدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، تەرەققىياتنىڭ <قىممىتى>نى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچىدۇق» دېدى شەنشى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىغا قاراشلىق شەنشى كۆمۈرچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ ۋېنگې.
بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، شەنشى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىنى ساقلىدى.
كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى ___
مۇنارلار، باكلار قەد كۆتۈرۈپ، تۇرۇبىلار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. يېقىندا، شەنشى يۈلىن يۈشېن سانائەت باغچە رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش جىددىي ئېلىپ بېرىلىپ، ئەلا دەرىجىلىك مېتىل كاربونات لىق قاچىلانغان باكلىق ئاپتوموبىللار ئاستا-ئاستا يولغا چىقتى.
كۆمۈر قېزىش-سېتىش، كۆمۈر قالاپ توك چىقىرىشتىن دىققەتنى «كۆمۈرنى يېقىلغۇدىن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈشكىچە، شەنشى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆمۈردىن ماي ئېلىش، كۆمۈردىن ئېتىلېن گىلىكول ئېلىش، كۆمۈر ئاساسىي تەركىبلىك يۇقىرى دەرىجىلىك خىمىيە سانائىتى قاتارلىق زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى.
ھازىر، «كۆمۈر شەھىرى» بولغان يۈلىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېنېرگىيە ئىنقىلابىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى، «زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈلىن شەھىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېدى يۈلىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ شېڭلى.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى ____
شېندۇڭ كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى كان رايونىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرگەندە، كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون «كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ» يېشىللىق ۋە مۇنبەت ئېتىزغا ئايلىنىپ، 100 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىغا مەخپىي يوشۇرۇنغانىدى.
شېندۇڭ كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى قۇدۇق ئاستىدىكى قېزىپ بولۇنغان بوشلۇقنى يەر ئاستى سۇ ئامبىرىغا ئۆزگەرتتى، ئومۇمىي سۇ ساقلاش ئىقتىدارى 30 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، كان قۇدۇقى سۈيى پاكىزلانغان سۇغا ئايلىنىپ، كان رايونىنىڭ %95 ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسىگە ئايلاندى.
قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى يىغىش، پېچەتلەش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، سانائەت كېرەكسىز سۈيىنى قويۇپ بەرمەسلىك بويىچە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى تەتقىق قىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى...شەنشىدە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشماقتا.
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ مۇجەسسەملەش يەنە كەسىپ نەزەرىنى سىرتقا كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە 100 تونناژلىقتىن يۇقىرى ماگنىي ھىدروكسىد ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتى، يۈلىن جۇڭكې پاكىز ئېنېرگىيە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ يېشىل ھىدروگېن ساقلاش تەتقىقاتى تېز قانات يايدۇرۇلماقتا.
قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈردى __
باھاردىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە، يورۇقلۇق ۋولت «دېڭىزى» قۇياش نۇرىدا كۆزنى چاقنىتىدۇ؛ چاقپەلەكلەر قەد كۆتۈرۈپ، شامال يىغىپ توك ھاسىل قىلىدۇ.
2024-يىلى، شەنشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 15 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %78ىنى ئىگىلەپ، 2023-يىلىدىكىدىن %68.5 ئاشتى.
شەنشى ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۇاڭجاۋ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شەنشىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 55 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى. <14-بەش يىل>نىڭ ئاخىرىغىچە، شەنشىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى %50 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز».
شەنشىدە، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت، سۇ ئېنېرگىيەسى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، زاپاس ساقلاش بەس-بەستە تەرەققىي قىلىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سىمفونىيەسى بارغانسېرى جاراڭلىق ياڭرىماقتا.