مۇخبىرىمىز سۈي جيا، جۇ داۋېي
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جامۇس شەھىرى تاڭيۈەن ناھىيەسىدىكى سۇغىرىش رايونىنىڭ يۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى.
«سۇغىرىش كۆلىمىنىڭ يېڭىدىن 202 مىڭ 400 مو كۆپىيىشى، سۇغىرىش رايونىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ھەر مو يەرنىڭ 500 كىلوگىرامدىن 580 كىلوگىرامغا كۆپىيىشى مۆلچەرلەندى. تاڭيۈەن ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مېڭ لېي ئۈمىدكە تولغان ئىدى.
بۇلتۇر، خېيلۇڭجياڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 160 مىليارد جىڭلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇدا 15 يىل مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى؛ ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى % 2.7 ئېشىپ، تارىخىي رېكورت يېڭىلاندى.
2023 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «خېيلۇڭجياڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە ياخشى < تۇراقلاشتۇرغۇچ > بولۇشى كېرەك.» بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».
ئاشلىقنى كۆپ تېرىش، ئاشلىقنى ياخشى تېرىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خېيلۇڭجياڭ 10 مىليون توننىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىرلىك ھوسۇلنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى.
قارا تۇپراقنى قوغداشنى يولغا قويۇش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق زامانىۋى مۇنبەت ئېتىز بەرپا قىلىندى −
«ئېتىزلار كېڭىيىپ، تۇپراق ياخشىلىنىپ، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى 30 جىڭ ئاشتى. خۇاچۈەن ناھىيەسى ياۋلىنزى كەنتىدە، 8000 مودىن ئارتۇق شاللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىسى ۋاڭ ليەنيۇڭنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان ئىدى.
نۆۋەتتە، خېيلۇڭجياڭدا جەمئىي 120 مىليون موغا يېقىن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، يېشىل ئورگانىك يېمەكلىك بازىسىنىڭ كۆلىمى 100 مىليون مودىن ئېشىپ، بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بۇ يىل خېيلۇڭجياڭ يەنە 11 مىليون 690 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىدۇ.
ئۇرۇق مەنبەسىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويۇلۇپ، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلدى −
بېيدا خۇاڭكېنفېڭ ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا، خىزمەتچى خادىملار گېن ئۆزىكى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، دادۇر ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنىڭ گېن تىپىنى دەل جايىدا باھالاۋاتاتتى. شىركەت دادۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇ شىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ < ئۆزىكى >، بىز تىرىشىپ < بىيو تېخنىكا+چوڭ سانلىق مەلۇمات > ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھەلەش، سورت يېتىشتۈرۈشكە يۈرۈش قىلىمىز.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ گۇي مۇنداق دېدى: «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇش كېرەك، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلىرىنى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ يىللىق <ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات>تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش> تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، بۇ يىل پۈتۈن ئۆلكە بويىچە زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز.»
يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى –
«بىز مەشغۇلات سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەر ۋاقىت تەھلىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كېسەللىك ـ ھاشارات زىيىنىنى تىرىشىپ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. خەيلۈن شەھىرى دۇڭشىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چۈنشېڭ باشلامچىلىق بىلەن تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئاسراش، ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش چوڭ ئەترىتىنى قۇردى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن 45 ى بار.
بۇلتۇر، خېيلۇڭجياڭدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى % 99 تىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى % 70.8 كە يەتتى. بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىلغار، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىش ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى نەتىجىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكە بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاقىل يېزا ئىگىلىك سۇپىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرگەزمە بازىسىدىن 100 دىن ئارتۇقنى بەرپا قىلىدۇ، ئادەمسىز ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانىدىن 20 نى قۇرىدۇ.
زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، خېيلۇڭجياڭ تىرىشىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، تىرىشىپ «جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسى»نى چىڭ، مەھكەم تۇتۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.