بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىمىز

2025.03.17 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىگىلىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بۇ يىل مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىكى «شەمشەر»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «2025-يىللىق مەھسۇلات سۈپىتىنى دۆلەت نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانى»نى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇ پىلاندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: سۈپەت بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان، ئاممىۋى پىكىر ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان يېقىلغۇ گاز سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق نۇقتىلىق مەھسۇلاتلارنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توردا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىدۇ. ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ