خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى جامۇس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، نۆۋەتتە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام باشقۇرۇش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.