«مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى پاش قىلىش سىستېمىسى» 5-ئايدا رەسمىي ئېچىلىدۇ
مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىگىلىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى پاش قىلىش سىستېمىسى»نى ئاچقان بولۇپ، 5-ئايدا رەسمىي تورغا چىقىرىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
پاش قىلىش سىستېمىسى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كارخانىلىرى، مەركەزلىك تاماق يەيدىغان ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پاش قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئالاقىدار خادىملارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ۋە زور خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى پائال پاش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى ھەقىقىي قوغدايدۇ.