جۇڭگو ھازىر چوڭ تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىياماتكا ياساۋاتامدۇ؟ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2025.03.17 14:53 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، داشياۋ جاڭ شياۋگاڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئارمىيەگە چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

مۇخبىر: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو چوڭ تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىياماتكا ياساۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاۋىياماتكىسىنىڭ تونناژى بىلەن باراۋەر كېلىدۇ، دېگەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

جاڭ شياۋگاڭ: تاراتقۇلارنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرى پۈتۈنلەي پەرەز. چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىز باشتىن-ئاخىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ۋە جابدۇق تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ