تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ (سىياسەتتىن سوئال-جاۋاب. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش)

2025.03.17 14:51 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز لو شەنشەن

چەت ئەل مەبلىغى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «<جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش> ماركىسىنى داۋاملىق يارىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.» قانداق قىلغاندا چەت ئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟

ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ۋە چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى خۇا جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2025-يىللىق نۇسخىدىكى «چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى» تېزدىن ئېلان قىلىنىدۇ، يېڭى مۇندەرىجىدە ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەر نۇقتىلىق كۆپەيتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىغا تېخىمۇ كۆپ سېلىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدە قايتا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، چوڭ - چوڭ چەت ئەل مەبلىغى تۈرلىرى خىزمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش، تۈرلەرنىڭ پۈتۈن جەريان مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلاردىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قايتا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوللاش پىلانلىنىدۇ.

«جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى سىجىل يارىتىش كېرەك. سودا مىنىستىرلىقى چەت ئەل سېلىنمىسىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ بىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلارغا تايىنىپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى تاللاش» ۋە «قول تۇتۇشۇپ مۇلازىمەت قىلىش – ئېچىش»تىن ئىبارەت ئىككى تارماق ماركىنى يارىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك كۆرگەزمە، نۇقتىلىق پائالىيەت، نۇقتىلىق سۇپا ئارقىلىق چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكى، سودا مۇھىتى ۋە بىر قاتار سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ ۋە تەھلىل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك چەت ئەل مەبلىغى تۈرلىرىنى كىرگۈزۈمىز.»

يېقىندا، «2025-يىللىق تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت كاپالەت سالمىقىىنى زورايتىش قاتارلىق تۆت جەھەتتىن 20 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى لىڭ جى مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. سودا مىنىستىرلىقى يەنە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا «چەت ئەل كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك چەت ئەل مەخسۇس گۇرۇپپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ، نەق مەيداندا كارخانىلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىگىلەپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ