مۇخبىرىمىز گۇ جۇڭياڭ، دۇڭ سىيۈ
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرى ماۋۋۇسۇشا يەر ئاستى شامال ئېغىزى قۇم توسۇش بەلبېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى نەق مەيدانىدا، ئېتوك خوشۇنى سۇمىتۇسۇم سۇمىتۇگاچادىكى چارۋىچى ساخچى موتوسىكلىت مىنىپ چارلاۋاتاتتى.
«بىز ئەتىياز كىرىشى بىلەنلا ئىش باشلىدۇق، ھازىر قۇملۇق سۆگىتى بىلەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى توسىدىغان قۇم توسۇقى ياتقۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق.» ئېتوك خوشۇنى ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمەت پونكىتىنىڭ باشلىقى تيەن يەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈردە 265 مىڭ 300 مو يەرنىتىزگىنلەشۋەزىپىسى تاماملىنىپ، شۇ جايدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەرنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى.
بۇ، پۈتكۈل «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.
2023–يىل 6-ئايدا، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «<ئۈچ شىمال> قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسىتىپ، «تىرىشىپ ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ <ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشى بويىچە بىر مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىش»نى تەلەپ قىلدى. بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «<ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.»
«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلار ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردى. 2024-يىلى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى «ئىككى مۇھىم» دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، جەمئىي 32 مىليارد يۈەنلىك ئۇزاق مۇددەتلىك دۆلەت زايومى ۋە مەركەز مالىيە مەبلىغى ئاجراتتى، بۇ «ئۈچ شىمال»نىڭ بەش قارارلىق قۇرۇلۇشى مەزگىلىدىكى سېلىنمىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى. قۇرۇلۇش سېلىنمىسى نورمىلىق ياردەم پۇل بېرىشتىن ئۇنىۋېرسال باھا مەلۇم قىلىش، تولۇق سوممىلىق مەبلەغ سېلىشقا ئۆزگەرتىلدى ھەمدە قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەردە يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلىش نەتىجىلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش تۇنجى قېتىم قوللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. جايلار كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتى، ئىچكى موڭغۇل قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش فوندى تەسىس قىلىپ،11 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، يەرلىكنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈشىگە ئىشلەتتى؛ شىنجاڭ «قۇم تىزگىنلەشكە دائىر توققۇز ماددا»لىق قوللاش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر يىلى بىر مىليارد يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش تۈرىگە ئىشلەتتى.
ھازىر، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمىسىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خېلەنشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ۋە ئېكولوگىيەنى تۈزەش قاتارلىق 13 نۇقتىلىق تۈر، خېشى كارىدورى—تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق 14 نۇقتىلىق تۈرنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، خورچىن ۋە خۇنشەنداك قۇملۇق يېرىنى يوقىتىش جېڭىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەككىز نۇقتىلىق تۈرنىڭ يەتتىسى يولغا قويۇلدى. 2024-يىلى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا 57 مىليون مولۇق تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى.
«قاتتىق سېلىنما» سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار تۈزۈلمە-مېخانىزمنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش «يۇمشاق قۇرۇلۇشى»نى چىڭ تۇتتى.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى كېشكېتېڭ خوشۇنىدا، خۇنشەنداك—خورچىن قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنى تۈزەش 1-قارارلىق تۈرى مەركەز كارخانىلىرى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تۇنجى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تۈرى بولۇپ، جەمئىي 340 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز كارخانىسى بولغان جۇڭگو سەنشيا گۇرۇھى 130 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى، 2024-يىلى جەمئىي 93 مىڭ 100 مو يەرنى تۈزەش ۋەزىپىسى تاماملاندى» دەپ تونۇشتۇردى سەنشيا ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى (ئىچكى موڭغۇل) چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى ياڭ.
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسى قۇرۇلۇشى بىلەن چۆللىشىشنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ماسلىشىش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ «ئۈچ شىمال قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق رايونىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى ( 2024ـ يىلىدىن 2030ـ يىلىغىچە)» مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتتى. ئىچكى موڭغۇل شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى؛ شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن يورۇقلۇق ۋولت بازىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى ...دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، «تاختا ئۈستىدە توك چىقىرىش، تاختا ئاستىدا تېرىقچىلىق قىلىش»تىن ئىبارەت ئوت-چۆپ بىلەن يورۇقلۇق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كۆپەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش قوراللىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك». تۈر تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، 2025-يىللىق ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك دۆلەت زايوم مەبلىغى ۋە مەركەز مالىيە مەبلىغىنى ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى.