جۇڭگو پۇل بېسىش-تەڭگە قۇيۇش گۇرۇھى: ئەزەلدىن ھېچقانداق يول ئارقىلىق مەۋھۇم پۇل سېتىپ باقمىدۇق

2025.03.14 14:24 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو پۇل بېسىش-تەڭگە قۇيۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو پۇل بېسىش-تەڭگە قۇيۇش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: يېقىندا، ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار جۇڭگو پۇل بېسىش-تەڭگە قۇيۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ نامىنى سېتىپ تور بېكەت ۋە APPدا مەۋھۇم پۇل ساتقان. جۇڭگو پۇل بېسىش-تەڭگە قۇيۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ يەردە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىدۇكى، ئەزەلدىن ھېچقانداق يول ئارقىلىق مەۋھۇم پۇل سېتىپ باقمىدى. كەڭ ئاممىنىڭ ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىنى سورايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ