بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ نەق پۇل تاپشۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىشكە بولىدىغان ئوبيېكتلار ۋە ئىقتىدارلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
ئالدى بىلەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ دائىرىسى «جورىسى، ئاتا ـ ئانىسى، پەرزەنتلىرى»دىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يېقىن تۇغقانلىرى (جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى، بوۋا-مومىسى، نەۋرىلىرى)غىچە كېڭەيتىلدى ھەمدە تۇغقانلىشىش ئوبيېكتى ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
شەخسىي ھېساباتتىن ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىشنى يان تېلېفون ئارقىلىق توردا بېجىرگىلى بولىدۇ، ئالدى بىلەن، ئائىلە ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش ئىقتىدارىنى بېجىرمەكچى بولغان ئىككى تەرەپ چوقۇم شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچى بولۇشى ھەمدە ھوقۇق بەرگۈچىنىڭ چوقۇم شەخسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھېساباتى بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھوقۇق بەرگۈچى يان تېلېفوندا ئۈندىدار ياكى جىفۇباۋ ئارقىلىق «شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمەت سۇپىسى» ئەپچىقىنى ئىزدىشى ياكى ئەپ دۇكىنىدىن شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى سۇپىسىنى چۈشۈرۈشى لازىم. شەخسىي ھېساباتنى تىزىملىتىپ كىرىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، باش بەتنىڭ ئاستى تەرىپىدىن مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ، شەخسىي ھېساباتتىن ئائىلە بويىچە مەنپەئەتلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تەكلىپ قىلىسا، تەكلىپ قىلىنغۇچى قوشۇلغاندىن كېيىن باغلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ھوقۇق بەرگۈچى ھوقۇق بېرىش سوممىسىنى تولدۇرغاندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدۇ.