بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرگەن-چىققانلار 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشتى

2025.03.12 16:45 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭغا جايلاشقان قورغاس چېگرا ئېغىزى ھەر كۈنى زور مىقداردا چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.

قورغاس چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، بۇ يىل تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار 210 مىڭ ئادەم (قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان، بۇلتۇرقىدىن 15 كۈن بۇرۇن 200 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ