ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار تەكلىپ سۇندى: دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

2025.03.12 16:43 مەنبە: خەلق تورى

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئورتاق يېزىقنى قوللىنىپ، ئورتاق تىلدا سۆزلىشىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئاساس، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زۇمرەت ئوبۇل باشقا 30 نەپەر ۋەكىل بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا تەكلىپ سۇنۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

بۇ قانۇن 2001-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىجرا قىلىندى، قىسمەن ماددىلار قانۇن چىقىرىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، نىشان بېكىتمىسى، ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى ئايرىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالماي قالدى، جىددىي ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قاتارلىق مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى پائال كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مول ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى، شۇنداقلا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يېڭى پىكىر يولى ۋە يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى.

ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق قارىدى: دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ