شىنجاڭ مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: ئۆلچەم تېخىمۇ كەڭ، تەكشۈرۈش تېخىمۇ ئەلا، پۇل ئۇرۇش تېخىمۇ تېز بولىدۇ!

2025.03.12 16:44 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ «15-مارت» خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بۇ يىل بىراك قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلچىمىنى كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى، مەبلەغ سۇپىدىن شەخسكە بىۋاسىتە ئۇرۇلىدۇ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.

2012-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى (شۇ كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)دىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان بېنزىن ئاپتوموبىلى، 2014-يىل 6–ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان دىزېل ئاپتوموبىلى ۋە باشقا يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار ياكى 2018-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش ھەمدە ئېنېرگىيە تېجەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىملىق نورمىلىق ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

شەخسىي ئىستېمالچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاپتوموبىل ئوبوروت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تور بېكىتى، «سودا ئىشلىرى مىكرو خەۋەرلىرى» ئۈندىدار سالونى ياكى «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئەپچىقى ئارقىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرسا بولىدۇ. بىر تەبىئىي يىل ئىچىدە، ھەربىر ئىستېمالچى ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بەھرىمەن بولالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ