ئۈچ مېتىردىن تۆۋەن بولمايدۇ! تۇرالغۇ قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىك ئۆلچىمى تەڭشىلىدۇ

2025.03.10 15:44 مەنبە: خەلق تورى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تۆت مەسئۇلى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نى خۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۆلچەم ۋە قېلىپنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر، ئازادە، يېشىل، ئاقىل «ياخشى ئۆي» قۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق ھالدا ئۈچ جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىدۇ.

بىرىنچى، ئۆلچەم تۇرغۇزۇش. يېقىنقى مەزگىلدە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسىىنى تەشكىللەپ تۈزۈۋاتىدۇ، شۇنداقلا تۇرالغۇ تۈر ئۆلچىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ماددىدا، تۇرالغۇنىڭ قەۋەت ئېگىزلىكىنى ئۈچ مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىققا ئۆستۈردى.

ئىككىنچى، پەن-تېخنىكىنى كۈچەيتىش. بىر تەرەپتىن، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، قوللىنىشچان يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت، يېڭى مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئاۋاز توسۇش ياخشى بولماسلىق، سۇ سىڭىش-ئېقىش، يېرىلىش، پۇراش قاتارلىق كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈن ئۆينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، تۈرنى تۇتۇش. شەھەر ۋە كارخانىلارنىڭ «ياخشى ئۆي» قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ياخشى ئۆي»نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ