بۇ يىل ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ %2 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىغا قانداق قاراش كېرەك؟ (ئوقۇرمەنلەر ئوتتۇرىغا قويغان تېما . ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش)

2025.03.10 15:39 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز ليۇ جىچياڭ

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىدا، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ نىشان «%3 ئەتراپىدا» بولۇپ كەلگەنىدى، بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل تۆۋەنلىدى، بۇنداق تەڭشەشكە قانداق قاراش كېرەك؟

− خەلق تورىدىكى تورداش 2 # 13

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ( CPI) نىڭ قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.

باھانىڭ بىر ئۇچى ماكرولۇق ئىقتىسادقا، يەنە بىر ئۇچى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتاشقان بولۇپ، ئۇ تەمىنلەش-تەلەپ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان «بارومېتىر»، بايلىق يۆنىلىشىنى يېتەكلەيدىغان «يۆنىلىش بەلگىسى»، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۆلچەيدىغان «تېرمومېتىر».

چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، كۆپ تەرەپكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، مال باھاسى سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان CPI ئادەتتە «تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى»غا ئەھمىيەت بېرىدۇ، زىيادە يۇقىرى، زىيادە تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. سىجىل زور دەرىجىدە ئۆرلىسە، پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرمۇش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى توسۇپ قويىدۇ. سىجىل تۆۋەنلىسە، يەنە ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىنى چەكلەپ قويىدۇ، بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىسىز. تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك، تېخىمۇ ساغلام ھالەت «مۆتىدىل ئۆرلەش» دېمەكتۇر.

دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىكى CPI نىڭ ئىپادىسىگە قارايدىغان بولساق، 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن يىللىق CPI ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %0.9، %2، %0.2، %0.2 بولغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

بۇنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ تەرىپى بار.

بۇ بىر قانچە يىلدا، دۆلىتىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ «ئاساسى پۇختا» بولغانلىقى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ «مۇقىم جارى قىلدۇرۇلغانلىقى»، پۇل سىياسىتىدە «باستۇرۇپ سۇغىرىش» يولىنى تۇتمىغانلىقنىڭ پايدىسىدىن بولدى، بىز بەزى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرى پۇل پاخاللىقىدىن ساقلاندۇق. بولۇپمۇ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، سۈت، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى مۇقىم بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەبىدىن «تۆۋەنلەپ كەتمىدى».

مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگىمۇ توغرا قارىشىمىز كېرەك.

2024-يىلى CPI نىڭ ئۆرلەش نىشانى «%3 ئەتراپىدا» بولۇپ، ئەمەلىيەتتە %0.2 ئاشتى. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك: پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز بولۇش تەسىرىدە، خەلقئارادا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋالغۇپ تۆۋەنلىدى؛ تەمىنلەشكە نەزەر سالساق، بەزى كەسىپ ۋە ساھەلەردە باسقۇچ خاراكتېرلىك تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، قىسمەن كارخانىلار «باھا ئارقىلىق مىقدارنى قولغا كەلتۈرۈش»، ھەتتا «ئىچكى خورىتىش شەكىلى»دە رىقابەتلەشتى؛ ئېھتىياجغا نەزەر سالساق، ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ نۇقتىلىق ساھەلەرگە نەزەر سالساق، ئۆي-زېمىن بازىرى چوڭقۇر تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ... بۇ مەسىلىلەر ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى، شۇنداقلا مال باھاسىنىڭ سىجىل تۆۋەن ئورۇندا يۈرۈشۈشىدىكى تۈگۈن.

مەۋقەنى نۆۋەتتىكى مال باھاسى تۆۋەنلەش بېسىمىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا CPI نى «%2 ئەتراپىدا» ئۆستۈرۈش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش، پائال ئىلگىرىلەشنى نامايان قىلدى. بۇنداق بىر ئەمەلىي نىشان ھەم ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەم كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

مال باھاسى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە ئاساسىمىز بار.

يەنە بازار قىزغىنلىقىغا قاراپ باقايلى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مال باھاسىنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئاكتىپ سىگنال كۆرۈلدى. 1-ئايدا CPI ئايلىق سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا 2024-يىل 12-ئايدىكى تەڭلىشىشتىن %0.7 ئۆرلەشكە ئۆزگەردى، يىللىق سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا 2024-يىل 12-ئايدىكى %0.1 تىن %0.5 كە كېڭەيدى. 2-ئايدا، باھار بايرىمىدىكى بىر ئاينى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مال باھاسى سەل تۆۋەنلىدى، لېكىن باھار بايرىمىدىكى ئاينىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندە، CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئۆرلەپ، مال باھاسىنىڭ مۆتىدىل ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، 2-ئايدا، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ PMI سى %50.2 كە ئۆرلەپ، كېڭىيىش دائىرىسىگە قايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ياسىمىچىلىقتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ PMI، ئۇنىۋېرسال PMI قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ھەممىسى كېڭىيىش ئارىلىقىدا بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش سەۋىيەسىنىڭ ئازراق ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا مال باھاسىنىڭ مۆتىدىل ئۆرلىشىنىڭ كاپالىتى. بۇنىڭ «لوگىكا زەنجىرى» مۇنداق: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش − تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش − مال باھاسى مۇۋاپىق ئۆرلەش − كارخانىلارنىڭ پايدىسىنى ياخشىلاش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش − تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش − ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش − ئىستېمالنى يەنىمۇ كېڭەيتىش. بىزدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش، كەڭ ئېھتىياج، مول سىياسەت قورالى بار، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇشقا يېتەرلىك ئىقتىدار ۋە شارائىت بار، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ «تەڭپۇڭ لىم»ىدا ياخشى مېڭىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىش مۇقىم، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولۇش ۋە مال باھاسى مۇۋاپىق ئۆرلەشتىن ئىبارەت بىرىكمە ئەلالىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

پۇقرالار ئىستېمال قىلالايدىغان، ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئىستېمال قىلىشنى خالايدىغان بولۇش، كەڭ كارخانىلار مۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشەلەيدىغان بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمى كاپالەتكە ئىگە بولۇش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى سۈپەتلىك بولۇش يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى تىرىشىپ يېتىدىغان «ساغلام ھالەت». بىز بىرلىكتە تىرىشايلى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ