3-ئاينىڭ 7-كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىيۈەن دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شۈ فېڭچىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «ئەزالار يولى»دا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى «ئەمەلىي كۈچىگە، داۋالاش ئۈنۈمىگە تايىنىپ» دۇنيادىكى 196 دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيدى. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئۆزىنىڭ خاس جەلپكارلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىلىشى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا «جۇڭگو رېتسېپى»، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.