ۋاڭ يى: ئامېرىكا تەرەپ ئەگەر داۋاملىق بېسىم ئىشلەتسە، جۇڭگو چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرىدۇ

2025.03.09 11:43 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىككى يىغىننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاموژنا بېجى مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئوچۇق بىلدۈردى.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغاندا، ئۆزىگە تەلەپچان بولۇش كېرەك». ئامېرىكا بۇ يىللاردىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدىن نېمىگە ئېرىشتى؟ سودىدىكى تەتۈر پەرق كېڭەيدىمۇ ياكى كىچىكلىدىمۇ؟ ياسىمىچىلىقتىكى رىقابەت كۈچى ئاشتىمۇ ياكى تۆۋەنلىدىمۇ؟ پۇل پاخاللىقى ياخشىلاندىمۇ ياكى يامانلاشتىمۇ؟خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندىمۇ ياكى ناچارلاشتىمۇ؟ بۇلارنى ئەسلەپ بېقىشى كېرەك.

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئۆزئارا، باراۋەر. ئەگەر ھەمكارلىشىشنى تاللىسا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر داۋاملىق بېسىم ئىشلەتسە، جۇڭگو چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ