خەلقئارادىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات: ئاسپىرىننى چاشقان تېنىدە تەجرىبە قىلىشتا راك كېسىلىنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەش يوشۇرۇن كۈچى كۆرۈلگەن

2025.03.07 15:38 مەنبە: خەلق تورى

خەلقئارالىق داڭلىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»تە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى راك كېسىلى تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، ئاسپىرىن چاشقان تېنىدە راك كېسىلىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىتا ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاسپىرىننىڭ راك كېسىلىنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەش يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسەتكەن تەجرىبە تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يۆتكىلىشكە قارشى ئۈنۈملۈك ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى يارىتىشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ ئىلمىي ماقالىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، راك كېسىلىنىڭ يۆتكىلىشى (راك ھۈجەيرىلىرى ئەسلىي مەنبەدىن يىراق ئەزالارغا تارقىلىش) پۈتۈن يەر شارىدىكى %90 راك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈشنىڭ باش سەۋەبچىسى ئىكەن. ئېممۇنىتېت سېستىمىسى يۆتكىلىشكە قارشى تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، راك ھۈجەيرىلىرى دائىم بىر ئاماللار بىلەن ئېممۇنىتېتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ، قاندىكى قان پىلاستىنكىسى ئىشلەپچىقارغان نوكچا ماددىسى A 2 (TXA 2) بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋاسىتە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يۆتكەلگەن ئورۇندىكى T ھۈجەيرە (بىر خىل ئېممۇنىتېت ھۈجەيرىسى)نىڭ ئاكتىپلىقىنى چەكلەيدۇ.

بۇ خىل چەكلەش رولى ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۆتكىلىۋاتقان راك ھۈجەيرىلىرىگە ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئۇنى يوقىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئاسپىرىننىڭ يۆتكىلىشنى ئازايتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن ئېنىق تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ