2025 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئون چوڭ ۋەزىپە

2025.03.05 16:25 مەنبە: خەلق تورى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر. بىز مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش؛

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛

دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛

بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى، تاشقى مەبلەغنى پائال مۇقىملاشتۇرۇش؛

نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش؛

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛

يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات بوشلۇق ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش؛

كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش؛

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم-ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ