3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشتا تاللىنىش نەتىجىسىنى رەسمىي ئىجرا قىلدى، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىلىك داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى باشچىلىقىدىكى بەدەن سىرتىدىن دىياگنوز قويۇش رېئاكتىپىنى ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە مەركەزلىك مىقدارلىق سېتىۋېلىش، شۇنداقلا جياڭشى ئۆلكىلىك داۋالاش كاپالەت ئىدارىسى باشچىلىقىدىكى بۆرەك ئىقتىدارى ۋە يۈرەك مۇسكۇل ئېنزىمى بىيوخىمىيە تۈرىدىكى تەكشۈرۈش رېئاكتىپىنى ئۆلكىلەر ئارا بىرلەشمە مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈردى.
سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئېغىر دەرىجىدىكى ئاۋاز سەزگۈچى نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىقنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش خورىما ماتېرىيالى بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش بەش كارخانىنى باھا تالىشىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا تاللاش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر يۈرۈشنىڭ باھاسى 200 مىڭ يۈەندىن تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەنگە چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %75 كە يەتتى، بۇ بىمارلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تۇغما گاس بالىلارنى تىل يېتىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە ۋاقتىدا داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.