دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش قوللانمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «قوللانما (سىناق تەرىقىسىدە يول قويۇلىدۇ)» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش توپىغا مۇلازىمەت قىلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە بەرپا قىلىش، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇختا قەدەم تاشلىدى.
«قوللانما (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»دا يۈرەك-ئۆپكە، كۈچ، تەڭپۇڭلۇق، رىتىملىق مەشىق ۋە ئەۋرىشىملىك بويىچە بەدەن سوزۇش تۈرى قاتارلىق ئىقتىدار مەشقىنى چۆرىدەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياشانغانلار سىرتتا چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە زال ئىچىدە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى توغرىسىدا ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى جايلار ياشانغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەشكە، ياشانغانلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا يېتەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قوللانما (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» مەھەللە، ياشانغانلار تەنھەرىكەت-ساغلاملىق ئائىلىسى، مەھەللە تەنھەرىكەت-ساغلاملىق مەركىزى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، تەنتەربىيە باغچىسى، ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرۇش سايمانلىرىنى سەپلەشكە ماس كېلىدۇ، سەپلەنگەن ئۈسكۈنىلەر 60 ياشتىن ئاشقان، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە ماس كېلىدىغان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.