ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھېكايىسى丨مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەن خۇي: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ «چوڭ قاتناش» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2025.03.03 16:20 مەنبە: خەلق تورى

2018-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، رەن خۇي ۋۇلىڭشەن رايونىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى، ئۇ چۇڭچىڭ-خۇنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، چۇڭچىڭ-خۇنەن قوش لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 1-ئايدا، رەن خۇي دائىم ياد ئېتىپ تۇرغان چۇڭچىڭ-خۇنەن قوش لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ بىر قىسمىدا ئاخىر قاتناش باشلاندى.

باھار بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەم بولغان پەيتتىن پايدىلىنىپ، رەن خۇي ئىزچىل تيانشانباۋ كەنتى ۋە ئەتراپتىكى بىرقانچە كەنتتە ئۆيمۇئۆي كىرىپ، پۇقرالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى توپلىدى.

رەن خۇينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ جايدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

«چوڭ قاتناش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش رەن خۇينىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، «چوڭ قاتناش»نى چۆرىدەپ بەرپا قىلىنغان يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك كەسپى ئۇنىڭ قەلبىدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە ئايلاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ