ئابا ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە، گېشىۋاڭمۇ خىزمەتچى خادىملاردىن پۈتۈن ئوبلاستتىكى چوڭ ياشلىق ياشانغانلار توپىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلىدى (2-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گېشىۋاڭمۇ سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماركاڭ شەھەرلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ باشلىقى. كېسەل باققۇچىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن بۇ «90-يىللاردا تۇغۇلغان» ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى 16 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەپ كەلدى. ياشانغانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ-قوپۇشىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشتىن ياشانغانلارنى باشلاپ بىرلىكتە ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئويناش، تىرناق لاكى سۈرۈشكە يېتەكلەشكىچە...گېشىۋاڭمۇ ياشانغانلارغا نىسبەتەن پىسخىكا قاتلىمىدا ھەمراھ بولۇش بىلەن ماددىي جەھەتتە خەۋەر ئېلىشنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.
مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە، گېشىۋاڭمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، پەرۋىش قىلىش خادىملىرىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، پەرۋىش قىلىش بويىچە بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ تەمىناتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە توپلىدى ھەم پائال چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. گېشىۋاڭمۇ يەنە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە كۆپلىگەن كەنت-بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئالاقىدار سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ياشانغانلار توپىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان ياشانغانلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.
«ساقلاش» ياشانغانلارنىڭ يېنىدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، «ئۈمىد» ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئۈمىدنى كۆرسىتىدۇ، مېنىڭ بەخت تۇيغۇم ياشانغانلارنىڭ ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئىشەنچىدىن كەلگەن، مەن بۇ ئىشنى يەنە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى <شەپەق نۇرى>دىن خۇشال بەھرىمەن قىلىمەن،-دېدى گېشىۋاڭمۇ.
2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، گېشىۋاڭمۇ دىققەتنى مىللەتلەر رايونىدىكى يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق قارالمىلارغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.