مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لۇ دەن: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شېرىن ئىشلىرىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

2025.03.03 16:03 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لۇ دەن گۇيجوۋ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرى جېننىڭ بۇيىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ليۇما بازىرى بېيىش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، شېكەر ئەينۇلا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن يېقىملىق قىلىپ «تاتلىق شۇجى» دەپ ئاتالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لۇدەن مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ شېكەر ئەينۇلا، ماڭگو قاتارلىق ئۆزگىچە مېۋە ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شېكەر ئەينۇلا قاتارلىق مېۋە تېرىقچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى. «جېننىڭ شېكەر ئەينۇلاسى» شەرەپ بىلەن دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى تىزىملاش ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، ليۇما بازىرى «مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنتلەر ئىچىدىكى ئۆزگىچە كەسىپ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بازار» بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مەزگىلىدە، لۇدەن باشتىن ـ ئاخىر بېيىش كەنتىدىكى يۇرتداشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ئۇ ئېتىز ـ ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، بېيىش كەنتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەھۋالىنى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، لۇ دەن دىققەتنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق قارالمىلارغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ