مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى لى: مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تارقىتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك

2025.03.03 15:50 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بۇيى مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋارىسى لى لى ھەقىقىي گۇيجوۋ بۇيى قىزى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئانىسىدىن موم سىزىش، رەخت بوياش، كىيىم-كېچەك تىكىش قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگەنگەن. كۆپ يىل سىرتتا تىرىشقاندىن كېيىن، 2015-يىلى، لى لى يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە بۇيى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قەتئىيلىك بىلەن چىڭلۇڭ ناھىيەسى جىچاڭ بازىرى زىتاڭ كەنتىگە قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى، ئۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا بەل باغلىدى.

2023-يىلى لى لى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى. لى لى بەزى ئەنئەنىۋى ھۈنەر ـ سەنئەتلەرنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشلارنىڭ قىزىقىشى بولسىمۇ، ئۆگىنىش يولى يوقلۇقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش كەشتىچى ئاياللار ۋە كىيىم-كېچەك ھۈنەرۋەنلىرىنى تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.

مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، لى لى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە سېتىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى سۇپىلارنىڭ ئېقىم مىقدارىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىلار كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەشتىچى ئاياللارغا ئەمەلىي ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كېلىپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈزلەندۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ