جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇملۇقنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشى ۋە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ سىستېمىلىق نەزەرىيەۋى يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى ئۈستىدە بوشاشماي ئىزدىنىشىدىن شەكىللەنگەن قىممەتلىك ئىدىيە جەۋھىرى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، زور خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.
«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن 2024 ـ يىلى 12 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان، دوكلات، سۆز، نۇتۇق، يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق قاتارلىق جەمئىي 74 پارچە ئەسەر بار. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.