شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 19 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك

2025.03.03 14:30 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىش توغرىسىدا 19 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىش ئىشلارنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت تېخىمۇ بىخەتەر بولۇش، جەمئىيەت تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇش، ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇش، خەلق تېخىمۇ رازى بولۇش جەھەتلەرگە سىجىل كۈچەپ، تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك.

شىنەن سىياسىي ـ قانۇن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، پىروفېسسور يولداش لى يەن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە قانۇنچىللىق سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشتا، تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم قوللانما، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات چىڭ داۋلى، خەۋپسىزلىكمۇ چىڭ داۋلى دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەت داۋامىدا ئاڭلىق ھالدا تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق پىلانلىشى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش، يۇقىرى ـ تۆۋەن تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر جاي، بىر ساھە، بىر كەسىپنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش، ھەربىر خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۇلنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خەلق ئۈچۈن، شۇنداقلا خەلققە تايىنىدۇ. خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، سالماق، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت پىسخىكىلىق ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، قانۇنچىللىقنى قەدىرلەيدىغان، مەدەنىي بولۇپ يول قويىدىغان دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە. دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت ھاكىمىيىتى خەۋپسىزلىكى، تۈزۈم خەۋپسىزلىكى، ئىدېئولوگىيە خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك ـ دورا بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ ـ ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىشتا، جەزمەن جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، ھەقىقىي پولات ئىستىھكام بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى، سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئامانلىق قۇرۇلۇشىدا ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىجابىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى پەن ـ تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يېڭى دەۋر سىياسىي ـ قانۇن پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ