3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئىقتىساد خىزمىتىدە بىرقانچە مۇھىم مۇناسىۋەتنى جەزمەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: 2024 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولدى. تاشقى قىسىمدا بېسىم زورىيىۋاتقان، ئىچكى قىسىمدا قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلاشتى، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللاندى، ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل ئاشتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى. بىر يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەر كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن، ئۆي بازىرى، پاي بازىرى ۋە بازار مۆلچەرى، جەمئىيەت ئىشەنچى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىقتىساد كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلىدى ھەم پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەم 2025 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى ئاساس سېلىندى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا «ئىككى نۇقتىلىق قاراش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم نەتىجىلەرنى تولۇق سۆزلەش كېرەك، ھەم مەسىلىلەرنى ئوچۇق تىلغا ئېلىش كېرەك. ھازىر، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىر چوڭقۇرلاشماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى. پەقەت ئىشەنچىمىز تۆۋەنلەپ كەتمىسىلا، ئامال - چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ. بىز قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شەكىللەنگەن ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش شۇكى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈنلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتكە ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىپ، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىساد خىزمىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ، جەزمەن بىرقانچە مۇھىم مۇناسىۋەتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. بىرىنچى، جەزمەن ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرىدىغان»، ھەم «باشقۇرغىلى بولىدىغان» ئىقتىسادىي تەرتىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت قىلىدىغاننى قىلىشى، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقى، كەمتۈك بولۇش، ھوقۇق دائىرىدىن ھالقىپ كېتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى قانچە قېلىپلاشقانسېرى، بازارنىڭ رولىمۇ شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. ئىككىنچى، جەزمەن ئومۇمىي تەمىنات بىلەن ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. تەمىنات بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ماسلىشىپ كۈچەش، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى، بولۇپمۇ ئىستېمال جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، جەزمەن يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش بىلەن كونا قۇۋۋەتنى يېڭىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىم قىلىشتىكى ئاساسلىق تايانچ بولغان ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، كونا - يېڭى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى تەكشى، داۋاملاشتۇرۇپ ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، جەزمەن ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاشۇرۇلما مىقدارغا تۈرتكە بولۇشقا ماھىر بولۇپ، ئاشۇرۇلما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش، مۈلۈكنى ياخشى باشقۇرۇش بىلەن قەرزنى تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. بەشىنچى، جەزمەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. سۈپەت ئارقىلىق غەلىبە قىلىش بىلەن كۆلەم ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى بىلەن مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.