شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

2025.03.03 14:27 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن چىن دوستلار. بۇ يىل مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، بىر قاتار مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. مۇشۇنداق ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىلدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى بىر قاتار مۇھىم قارالمىلارنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكىلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مەنىۋى ئىچكى يادروسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش چوڭ يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

شويگۇ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سەمىمىي دوستلۇق ۋە قويۇق ئالاقىنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ. رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، ھەرقانداق 3 - تەرەپكە قارىتىلمايدۇ. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بىرىكىپ دۇنيادا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، باراۋەر سۆزلىشىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. رۇسىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئىزچىل پائال تۈرتكە بولۇپ كەلدى، رۇسىيە تەرەپ بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ