جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا گوۋۇيۈەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئارگىنالى مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، «15 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.