خەلق تورى مۇخبىرلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە تورداشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىدۇ

2025.03.01 18:49 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، خەلق تورى ئۇدا 24-قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن توغرىسىدا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، تورداشلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئون چوڭ قىزىق نۇقتىلىق سۆزنى تاللاپ چىقاردى.

تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش»، «ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش»، «جەمئىيەت ئىدارە قىلىش» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن توغرىسىدا تەكشۈرۈشتە، «خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش» بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تورداشلار ئىچىدە، %40 كە يېقىن كىشى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنى بېقىش سىياسىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە %72.33 تورداش ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىنى قاپلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

%70.57 تورداش ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىنىڭ بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتىنى قوللىشىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ قارايدىكەن.

ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش جەھەتتە، تورداشلار ئەڭ تەقەززا بولغانلىرى:

نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تورداشلار ھەممىدىن دىققەت قىلغانلىرى:

بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشتە، «ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى

2024-يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە نەزەر سالغاندا، تورداشلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى، دەپ قارىدى:

«ئۇششاق چىرىكلىك»نى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جازالاش توغرىسىدا، تورداشلار بۇ جەھەتلەردىن داۋاملىق كۈچەشنى ئۈمىد قىلدى:

2025-يىلى تورداشلار مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى:

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىددىيەت، ماجىرالارغا يولۇققاندا، تورداشلار ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ياردەم سوراپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، ئاھالىلەر كومىتېتىنى ئىزدەپ مۇرەسسە قىلىشنى ياكى ئۆزلىرى كېڭىشىپ ھەل قىلىشنى خالايدىكەن.

تۆۋەندىكى تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن نۇقتىلارغا تورداشلار ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلگەن:

تورداشلار تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى:

بۇنىڭدىن باشقا، تورداشلار باشقا قىزىق نۇقتىلىق سۆزلەرگىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، بىز ئورتاق كۆڭۈل بۆلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ