2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە بېرىپ كېلىدىغان K 9855/K 9856 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى ئەلالاشتۇرىدىكەن، تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە بېرىشتىكى پۈتۈن مۇساپىلىك سەپەر ۋاقتى 7 سائەت 29 مىنۇت بولۇپ، ئىلگىرىكى پويىز قېتىمىغا سېلىشتۇرغاندا سەپەر ۋاقتى 4 سائەت 36 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.
كونكرېت قاتناش ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 14 تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، K 9855 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سائەت 16 دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە كۇيتۈن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە دۆربىلجىن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 22 دىن 04 مىنۇت ئۆتكەندە چۆچەك ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ؛ شۇ كۈنى سائەت 23 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، K 9856 قېتىملىق پويىز چۆچەك ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا سائەت 0 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە دۆربىلجىن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، سەھەر سائەت 4 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە كۇيتۈن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 7 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرقى نۇقتا ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ يولۇچىلار پويىزى كەچتە يولغا چىقىپ ئەتىگەندە يېتىپ بارىدىغان يۈرۈش ئەندىزىسىدە بولۇپ، شۇ كۈنى يولغا چىقىپ شۇ كۈنى قايتىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى ۋاقىت-بوشلۇق ئارىلىقى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ، بۇ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نۆۋەتتە، «تۆمۈريول 12306» تور بېكىتى (يانفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا بۇ يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئالاقىدار پويىز قېتىمى، ۋاقتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ ھەم پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.