1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ )نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ شەھەر-يېزىلاردا بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇپ، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زۆرۈرىيىتى بار يېزا-كەنتلەردە كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەرنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. ۋىلايەت ( ئوبلاست، شەھەر)لەرنى بىرلىك قىلىپ شەھەر-يېزا مەكتەپلىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەلالىرى ئارقىلىق ئاجىزلىرىنى يۆلەش، شەھەر ئارقىلىق يېزىنى يېتەكلەش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ياردەم بېرىش-يۆلەش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، 2027-يىلىغا بارغاندا، بارلىق يېزا-كەنت مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە شەھەر-بازار مەكتەپلىرى نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.