شىنجاڭنىڭ بۇ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 470 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چۈشۈرۈلدى

2025.02.28 15:11 مەنبە: خەلق تورى

2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەخسۇس تۈرىدىن 2025-يىللىق 1-تۈركۈمدىكى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدىن 470 مىليون 600 مىڭ يۈەننى رەسمىي چۈشۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق قۇرۇلۇشى ھەم ئۇل مائارىپ ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەبلەغ نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، ئىلى سىفەن داشۆسى قاتارلىق ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق قۇرۇلۇشى تۈرىگە ھەمدە سىرتتىن نوپۇس كىرگەن قىسمەن رايونلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن. تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياتىقىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئالىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلمىي ئۇنۋان كەمچىل رايونلاردا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ