2-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى بېيجىڭدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بېنتۇڭ باشچىلىقىدىكى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى تۇڭلۇن بىلەن جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئورتاق ئىمزالىغاندىن بۇيان، جۇڭگو-لائوسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، دىققەتنى تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، لەنساڭجياڭ-مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاق داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
بېنتۇڭ لائوس-جۇڭگو ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرىنىڭ ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ۋە ئۆزى تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، ھازىر لائوس-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى 12-قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى داۋاملىق خىزمەتنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ۋە ۋەزىپىسى قىلىدۇ.