شىنجاڭدا ئالىي ئوقۇتقۇچى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىشتىكى زۆرۈر شەرت: يېزا-كەنت مەكتەپلىرى ياكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئاجىز مەكتەپلەردە بىر يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش كېرەك

2025.02.27 15:03 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى «ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ناھىيە باشقۇرۇش» بويىچە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقى، كادىرلار ھوقۇقى، مالىيە ھوقۇقى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەكتەپلەر ئارا ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى تەقسىملەشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەكتەپلىرىگە يۆتكىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى ھەمدە مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، تەقدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىشى كېرەك. يېزا مەكتەپلىرى ياكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئاجىز مەكتەپلەردە بىر يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تاللاپ تەيىنلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ