1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى»دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوقۇتقۇچى سەپلەشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتاتىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ناھىيە (شەھەر، رايون) دائىرىسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتاتىنى جانلىق تەڭشەپ، ناھىيە (شەھەر، رايون)نى بىرلىك قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتاتىنى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئومۇميۈزلۈك يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەتنامىسىنى قەرەللىك رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. قاتلام، تۈرگە ئايرىلغان، پەلەمپەيسىمان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم مائارىپچى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇنەۋۋەر تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كۈمۈش ياشلىقلار لېكسىيە سۆزلەش پىلانى، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىق بايلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 5000 ئادەمنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا تاللاپ ئەۋەتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشكە تەرتىپلىك تەشكىللەش كېرەك.