تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تىكتاك توپ-پەي توپ مەركىزى: نەق مەيداندا تەنھەرىكەتچىلەرنى ھاقارەتلىگەن ئاشقۇن مەستانىلەرگە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تور ئەھلىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى قوزغىغان ئۆز تاراتقۇ ئىگىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2025.02.27 15:05 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تىكتاك توپ-پەي توپ تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: يېقىندا، 34-نۆۋەتلىك خەلقئارا تىكتاك توپ بىرلەشمىسى ئاسىيا تىكتاك توپ ئىتتىپاقى ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەن، بۇ خىل سۆز-ھەرىكەتلەر مۇسابىقە مەيدانىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تىكتاك توپ-پەي توپ مەركىزى بۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تىكتاك توپ پەي-توپ مەركىزى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداندا تەنھەرىكەتچىلەرنى ھاقارەتلىگەن ئاشقۇن مەستانىلەرگە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تور ئەھلىنىڭ ناچار كەيپىياتىنى قوزغىغان ئۆز تاراتقۇ ئىگىلىرىگە، شۇنداقلا تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنى ھاقارەتلەش، ئۇلارغا تۆھمەت قىلىش قاتارلىق يامان غەرەزلىك قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ.

جۇڭگو تىكتاك توپ كوماندىسى ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان قوشۇن بولۇپ، «تاماق چەمبىرىكى» قالايمىقانچىلىقىغا باشتىن-ئاخىر قەتئىي قارشى تۇرۇپ ھەم دىققىتىنى داۋاملىق مەشىق مەيدانى ۋە مۇسابىقە مەيدانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئەلا ئىپادىسى بىلەن ۋەتەن ۋە خەلققە تېخىمۇ زور شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، تەنتەربىيە ئاكتىپ كۈچى تارقىتىپ كەلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ