2-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پېتېرس بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 11-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى لاكسون بىلەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىككىنچى 10 يىلغا قەدەم قويدى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە شۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
پېتېرس مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئاكتىپ ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى زېلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.